«قۇرئان كەرىمدىكى تۆت ئاساسى تېرمىن» ناملىق بۇ ئەسەردە، قۇرئان كەرىمنىڭ تېرمىنولوگىيىلىك ئاتالغۇلىرى ئىچىدىن مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى ئەڭ مۇھىم بولغان، ئىلاھ، رەب، دىن، ئىبادەتدىن ئىبارەت ئىسلامىي دەۋەتنىڭ ئاساسى بولغان مەزكۇر ئاتالغۇلارغا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ بۇ تېرمىنلارنى چۈشۈنىشتىكى بەزى خاتالىقلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۆچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
Author: پەزىلەتلىك شەيخ ئەبۇلئەلا مەۋدۇدى
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: مېركامىلجان قەشقەرى
Publisher: تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتى http://www.uyghurweb.net
-
Source: http://www.islamhouse.com/p/2296
«ھەج قوللانمىسى» ناملىق بۇ ئەسەردە، ھەج ۋە ئۆمرە، زىيارەت قاتارلىق ئىبادەتلەرگە ئالاقىدار بولغان بارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
Author: ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: مۇھەممەد سابىت سالىھ
Publisher: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
«ئىز باسار تۆت خەلىپە » ناملىق بۇ ئەسەر ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پەزىلەتلىك تۆت ساھابىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدىكى ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھلىرى قاتارلىقلارنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
Author: مەھمۇد شاكىر
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: سابىرجان
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
«ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسى» ناملىق بۇ كىتاپدا، ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئەقىدىسى، تەۋھىد ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۇپەتلىرى، مەلائىكىلەر، سەماۋى كىتاپلار، پەيغەمبەرلەر، ئاخىرەت كۈنى، تەقدىر يەنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھدىن بولىدىغانلىقى ... قاتارلىق ئەقىدىگە ئائىت مەسىلىلەرگە قانداق ئىمان كەلتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە ئاساسلىنىپ تەپسىلى بايان قىلىدۇ.
Author: ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Translators: ئۆمەر مۇھسىن - ئۆمەر مۇھسىن
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
«ئىسلام دىنىنىڭ روھى» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئائىت ئاساسى مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ زامان-ماكان تاللىماستىن ھەرقانداق ھازارەت بىلەن خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھىي ۋەھيى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە قۇرئان كەرىمدىن ئىلمى دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن سىرت ئەقلى ئىسپاتلار بىلەن دەلىللەيدۇ. دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان تۆھمەت ۋە شەك-شۇبھىلەرگە ئىلمى ئۇسۇلدا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ.
Reveiwers: ن.تەمكىنى
Publisher: ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى